رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يوشۇرۇن زىددىيەتلەر كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.12.24

2017-يىلى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەر كۈچەيگەن شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىزچىل يۇقىرى باھالارنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە يەنىلا دەز كېتىۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يوشۇرۇن ئىختىلاپلارنىڭ كۈچيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋازى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنا كىرزىسىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشى نەتىجىسىدە رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيگەن. 2017-يىلى، رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن، جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ ناچارلىشىشى نەتىجىسىدە رۇسىيە ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغان. موسكۋا بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنداق قىيىن ئەھۋالىدىن ئۆز پايدىسىغا پايدىلىنىشىدىن نارازى بولماقتا.

بۇ يىل ئىككى دۆلەت سودىسى 80 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇ سودىسىدا قىزىل رەقەملىرى كۆرۈلگەن. رۇسىيە خىتايغا نېفىت، تەبىئىي گاز، ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە باشقا خام ماتېرىياللارنى چىقىرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بولسا رۇسىيەگە ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئەسلىھەلەرنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رۇسىيە غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا ئۇچراپ خەلق تۇرمۇشى قىيىنلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ سودا جەھەتتە خىتايغا يۆلىنىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن، رۇسىيە غەربكە تاقابىل تۇرۇشتا خىتايغا تېخىمۇ بەكرەك تايىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، خىتاي ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن رۇس مەتبۇئاتلىرىدا ئۆكتىچى پىكىردىكىلەر «1950-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينىڭ چوڭ ئاكىسى ئىدى، مانا ئەمدى نۆۋەت خىتايغا كەلدى» دەيدىغان قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ھەتتا، خەلق ئىچىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى خىتايغا تېرىش ئۈچۈن سېتىپ بېرىشىگە، بايقال كۆلى سۇلىرىنى خىتايغا توشۇشقا ۋە بايقال رايونىنى خىتاينىڭ ئېچىشىغا، رۇسىيەنىڭ ئىلغار قوراللىرى ۋە تېخنىكىسىنى خىتايغا سېتىشقا قارشى چىقىش چوقانلىرىمۇ كۈچەيگەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ھازىر خىتاي تەھدىتىگە ئائىت ماقالىلەر ۋە ئىنكاسلارمۇ ھەسسىلەپ كۆپەيگەن بولۇپ، رۇسىيەنىڭ «رىباكۇ» تورىدا «خىتاي رۇسىيەنىڭ ئەڭ دۈشمىنى» ناملىق بىر ئىنكاس ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ قەد كۆتىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ھېچقاچان رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى يازغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئۆكتىچى «ئالما» پارتىيەسى رەھبىرى ياۋلېنسكىي خىتاينىڭ ھېچقاچان رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدېشى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «خىتاي رۇسىيەنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا بازىسى قىلماقچى» دەپ تەنقىد قىلغان.

رۇسىيە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى كونوۋالوۋ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ۋىيېتنام ۋە ياپونىيەگە قارشى چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايمۇ رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىچكى نارازىلىققا ئىگە بولۇپ، چۈنكى، رۇسىيە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان جەنۇبى دېڭىز ئىختىلاپى، خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ئىختىلاپىغا چەتتە قاراپ تۇرۇش سىياسىتى قوللانغان، يەنى ئاشكارا خىتاينى قوللاش مەيدانىدا تۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.