رۇسىيە تاموژنا خادىملىرى خىتايلارنىڭ زور مىقداردىكى ئەتكەس يانفونلىرىنى مۇسادىرە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قويۇقلىشىشىغا قارىماستىن، رۇسىيە تەرەپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان قىلمىشلار ئىچىدە ئەتكەسچىلىك مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

يېقىندا، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدىكى خىتاي بىلەن چېگرىداش زابايكالسىكي، يەنى خىتاي تەرەپتىن مانجۇرىيە ئۆتكىلى دەپ ئاتالغان چېگرا ئېغىزىدا رۇسىيە تاموژنا خادىملىرى خىتايدىن رۇسىيەگە قانۇنسىز ئېلىپ كىرىلگەن 2000 ئەتراپىدا يانفون ۋە باشقا ئەتكەس ماللارنى قولغا چۈشۈرگەن.

رادىيومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زابايكالسىكي چېگرا ئېغىزى ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا خىتاي تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوبۇس تەكشۈرۈلگەندە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يۈكلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇلغان 1937 دانە يانفون تېپىلغان بولۇپ، بۇلار ئالما، نوكېيا، سامسۇڭ يانفونلىرى ۋە باشقا خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر يانفونلاردىن باشقا يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يۈكلىرى ئارىسىدىن 834 كىلوگرام خىمىيىلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، 147 قاپ تاماكا ۋە باشقا ئەتكەس ماللار بايقالغان. رۇسىيە تەرەپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلغان شۇنىڭدەك بۇ ۋەقەنى رۇسىيە تاموژنىسىدىكى ئەڭ زور يانفون ئەتكەسچىلىك ۋەقەسى دەپ بېكىتكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى نۆۋەتتە خىتايدىن يانفون ئەتكەس قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، رۇسىيە بازارلىرىدىكى خىتاي كۆچمە تېلېفون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى يېزىشماقتا. 2017-يىكى، ئۆكتەبىردە زابايكالسكىي چېگرا ئېغىزىدا خىتايدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 680 دانە «iPhone» قولغا چۈشۈرۈلگەنىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت