بىر نەپەر رۇسىيە ئالىمى خىتاينى مەخپىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاندى
2016.09.25
رۇسىيەنىڭ بىر نەپەر ئالەم تېخنولوگىيىسى ساھەسىدىكى ئالىمى خىتاينى مەخپىي پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، باۋمان نامىدىكى موسكۋا دۆلەتلىك تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋلادىمىر لاپىگىن موسكۋا شەھەرلىك سوت تەرىپىدىن دۆلەتكە خائىنلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن 7 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
مەزكۇر ئوقۇتقۇچى يەنە رۇسىيە ئالەم تېخنىكىسى ئورگىنىنىڭ تارمىقى بولغان ماشىنىسازلىق ئىلمىي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭمۇ خادىمى ئىكەن. بەزى رۇسىيە خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئاسىيا دۆلىتىنى مەخپىي تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قايسى دۆلەت ئىكەنلىكى يېزىلمىغان. ئەمما ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ئالىم خىتاينى مەخپىي پەن - تېخنىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
موسكۋا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋلادىمىر لاپىگىن ئىسىملىك 76 ياشلىق مەزكۇر تەتقىقاتچى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مەركەز خىتاينىڭ «شېنجو ئالەم كېمىسى» ياساش تېخنىكىسى بويىچە ھەمكارلاشقان ئورۇن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئالەم تېخنىكىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەلەردە يېقىن ھەمكارلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ۋلادىمىر لاپىگىننىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى رۇسىيە پەن - تېخنىكا ساھەسىدە دىققەت قوزغىغان.









