رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان فىلىمگە قازاق رېژىسسورلۇق قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.10.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان بىر كىنو فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىلىشقا خىتاي تەرەپتىن قازاق ئايال رېژىسسور، يەنى 1980 - يىللاردا ئۇيغۇر كىنو كۆرۈرمەنلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» فىلىمىدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ قىز جەڭچىسىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىست جانار ساغات تەيىنلەنگەن.

خىتاينىڭ «دېڭتيەن كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇھى» بىلەن رۇسىيە «ئۆرلەش فىلىم شىركىتى»بىرلىشىپ، 1941 - 1945 - يىللىرىدىكى سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى ھېكايە قىلىنغان «رۇسىيەدە چوڭ بولغان جۇڭگولۇق» فىلىمىنى ئىشلەشكە كىرىشكەن.

«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشكە خىتاي تەرەپتىن قازاق رېژىسسورى جانار ساغات تەيىنلەنگەن. جانار ساغات بۇ فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ راست ۋەقەلىكتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر رېژىسسورنىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جانار ساغاتنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەسلىدە ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلغان، كېيىن بېيجىڭغا يۆتكەلگەن ئىكەن. جانار ساغات تۇنجى قېتىم 1986 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن 1944 - 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئائىت «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» فىلىمىدە باش رول ئالغان ئىدى. بۇ فىلىم ئۈرۈمچىدە مىللىي ئارمىيە ئۇرۇش ۋە كۈرەش ھاياتىغا ئائىت بىر قەدەر تەپسىلىرەك ئىشلەنگەن تۇنجى ھېكايە فىلىم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە مۇنداق تېمىدا فىلىم ئىشلەنمىگەنلىكى مەلۇم.

جانار ساغات 1989 - 1994 - يىللىرى ئارىسىدا موسكۋا كىنو ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس رېژىسسورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. جانار ساغات ئىلگىرى كېيىن رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ قاتنىشىشى ئاستىدىكى «قىزىل گلاس»، «پولات قانداق تاۋلاندى» فىلىملىرىگە رېژىسسورلۇق قىلىشقا قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.