ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.08.30

بىر قىسىم رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسى ئىچىگە كىرىپ ئۇكرائىنا كۈچلىرىگە قارىشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

ھالبۇكى، رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى پوروشېنكو چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا «مىڭلىغان چەتئەل قوشۇنلىرى ۋە يۈزلىگەن چەتئەل تانكىلىرى ئۇكرائىنا تۇپراقلىرىغا بېسىپ كىرگەن» لىكى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكا CNN خەۋەرلەر تورىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بەزىلەر نۆۋەتتە ئۇكرائىنانىڭ لۇگانسك ۋە دونيېتكس رايونلىرىدا جەڭ قىلىۋاتقان رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ 4، 5 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بريۇسسېلدا مەزكۇر يېڭى ئۆزگىرىش ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بۇنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ناتو ۋە ياۋروپا دائىرىلىرى كۆرسەتكەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.