رۇسىيەدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا پۇتىننىڭ ئۇتۇشى ئېنىق بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-18
Share

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەدە پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پرېزىدېنت پۇتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نامزات پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، رۇسىيەنى يەنە 6 يىل ئىدارە قىلىشىدا شەك يوقلۇقىنى جەزم قىلىشماقتا.

پۇتىننىڭ رىقابەتچىلىرى ئىچىدە ئەسەبىي مىللەتچىلىك بىلەن تەنقىد قىلىنغان ۋلادىمىر ژرىنوۋسكىيمۇ بار. بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئايال پرېزىدېنت نامزاتى كسېنىيا سوبچاكمۇ بار. ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ۋە پرېزىدېنت نامزاتى ناۋالنىي بولسا، تۈرمىگە تاشلىنىپ، سايلامغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قىلىنغان. مۇنداق ئەھۋالدا بۇ نامزاتلارنىڭ ھېچقايسىسى پۇتىننىڭ غەلىبە قىلىشىغا تەھدىت پەيدا قىلالمايدىكەن.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيەدە 109 مىليون سايلىغۇچى تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ 11 رايونىدا بېلەت تاشلاش باشلانغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا ۋاقتى سائەت 17غىچە 51% ئادەم بېلەت تاشلاپ بولغان شۇنىڭدەك ماخاچقالا ۋە باشقا بىر قىسىم جايلاردىكى سايلام پونكىتلىرىدا سايلامغا خىلاپ قىلمىشلار ھەم جېدەللەر چىققان. 

بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ۋلادىمىر پۇتىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن 18 يىلدىن بۇيانقى ئۆزىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەت پرېزىدېنت بولۇشىنى كۈتمەكتە. بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ سوغۇقلاشقان، غەربنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو قويۇشى بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادى تېخىمۇ ناچارلاشقان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتىننىڭ رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، رۇسىيە دېموكراتىيىسىنىڭ چېكىنىشىگە سەۋەب بولغانلىقى خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كېلىنمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت