رۇسىيەدە «كوڭزى خىتاي تىلى مەكتىپى» ئاچقان بىر خىتاي مۇھاجىر قولغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-11-12
Share

يېقىندا رۇسىيەنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان «خىتاي مەركىزى» ۋە «كوڭزى خىتاي تىلى مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەتكەسچىلىك دېلوسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

20 يىلدىن بۇيان رۇسىيەدە ياشاپ، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شۇ چاۋ ئىسىملىك مەزكۇر خىتاي مۇھاجىرى رۇسىيەنىڭ داڭلىق رەسىملىرىنى ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن خىتايغا توشۇش جەريانىدا قولغا چۈشكەن. 

رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەدە «كوڭزى خىتاي تىلى مەكتىپى» ۋە «خىتاي مەركىزى» قۇرۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان شۇ چاۋ ئايرودرومدا رەسىملەرنى خىتايغا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا تاموژنا خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن ھەم بۇ يىل 10-ئايدا سانكىتپېتېربۇرگ سوتى ئۇنى سوتلىغان شۇنىڭدەك ئۇ ئۆز جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۇ خەۋەر رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان. مەتبۇئاتلاردا ئۇنىڭ رۇسىيەدە «خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى تارقىتىش» بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

شۇ چاۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائىم خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپكە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى، بولۇپمۇ رەسساملىرىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارغا ياردەملەشكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت