خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ «دوستلۇقى» ئۇزۇنغا بارماسلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا ئىدى. ئەمما «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى سانىغا بېسىلغان كارىي خۇاڭنىڭ خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدىكى ماقالىدا بۇ «دوستلۇق» نىڭ ئۇزۇن داۋاملاشماسلىقى قىياس قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. چۈنكى مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى رۇسىيە بولسۇن ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كۈچلۈك «دوست» قا، يەنى ئامېرىكىغا موھتاج ئىكەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت چېگراسى بولسىمۇ، ئۇلار تارىخ، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئەنئەنە جەھەتلەردە ھېچقانچە ئورتاقلىققا ئىگە ئەمەس ئىكەن. تارىخ نۇقتىسىدىن رۇسىيە ياكى خىتاي بىردەك ئۆزلىرىنى ئەڭ «قالتىس» سىياسىي كۈچ، دەپ قارايدىكەن. تارىختىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەرقاچان قىسقا مەزگىل داۋام ئەتكەن بولۇپ، ھەرقاچان پەش قېقىش بىلەن ئاخىرلاشقان ئىكەن. جۈملىدىن 1950-يىللاردىكى «دوستلۇق» تىن تارتىپ ۋىيېتنام ئۇرۇشى ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىللەردىكى مۇناسىۋەت ئىزچىل مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت