ئىتالىيە ساقچىلىرى خىتايدىن كەلگەن 700 مىڭ دوللارغا يېقىن ساختا ياۋرو تەڭگىسىنى قولغا چۈشۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.12.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


12 - دېكابىر ئىتالىيە ساقچىلىرى خىتايدىن كەلگەن 700 مىڭ دوللارغا يېقىن ساختا ياۋرو تەڭگىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.

قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ تەڭگىلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 692 مىڭ دوللار بولۇپ، بۇلار خىتايدىن كەلگەن بىر يۈك ساندۇقىدىن تېپىلغان.

ئىتالىيىنىڭ پورت شەھىرى ناپلېس دائىرىلىرى مەزكۇر ساختا تەڭگىلەرگە چېتىشلىق 4 خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئادەمنى قولغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا تەڭگىلەر خىتايدا مەخپىي ياسالغان بولۇپ، بولارنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن قېيىن ئىكەن.

بۇ تەڭگىلەر روجىستىۋا بايرىمى ئالدىدى - كەينىدىكى جىددىي بازارغا سېلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن.

ئىتالىيىنىڭ پورت شەھىرى ناپلېس ساختا پۇل ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىدىغان ئېغىزلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىم خىتايدا ياسالغان ساختا ياۋرولارنىڭ قولغا چۈشۈشى ئىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.