ئۇيغۇر ئېلىدا 16 مىليون 850 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرىشى» گە قاتناشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.01

ئىگىلىنىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل 9-ئايدىن 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» نى جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بارغان.

خەلق تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، 27-دېكابىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 16 مىليون 850 مىڭ ئاھالە سالامەتلىك تەكشۈرۈش پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى 96 پىرسەنتكە يەتكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن جەمئىي توققۇز مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ 98 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» خوتەن ۋىلايىتىدە 100 پىرسەنت ئورۇنلانغانلىقى مەلۇم.

رادىيومىزنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىلگىلىشىچە، «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» قۇرۇلۇشى مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا ھەر بىر شەخسنىڭ قان ئۆرنىكى، د ن ئا ئۆرنىكى ۋە باشقا فىزىكىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرى ئېلىپ قېلىنىپ، كومپىتوتېردا ئارخىپلاشتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ «قۇرۇلۇش» نىڭ نوقۇل ھالدا «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» لا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ۋەزىيىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا ئاھالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تورلاشتۇرۇپ، رايوننى ئۇزاققىچە مۇقىم ئىدارە قىلىشتىكى بىر خىل ئىستېراتېگىيەلىك پىلان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇماننى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.