ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن باشلانغان «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.03.01

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىنى باشلىغان.

بۇ ھەقتە پوسكام ۋە باي ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دائىرىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە «2019-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى» نى باشلىغان. بىراق بۇ خىزمەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى ياكى پەقەت جەنۇبتىكى ناھىيەلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پوسكام ناھىيەسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4-نۆۋەتلىك «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى» ئىككى ئايلىق تەييارلىقتىن كېيىن 10-فېۋرال كۈنى رەسمىي باشلانغان. پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل ئىچىدە پوسكامدىكى 153مىڭ نەپەردىن ئارتۇق كىشىنى «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» كە قاتناشتۇرۇشنى پىلانلىماقتىكەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 2016-يىلى 9-ئايدا باشلىغان تۇنجى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىدە رايوندىكى 18 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزغان ئىدى. بۇ ھەرىكەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» دېگەن نام ئاستىدا شەخسلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پوسكام ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پەقەت قان ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇ ئادەتتىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشلەردىن باشقا يەنە، تاشقى كېسەللىكلەر، ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئىچكى كېسەللىكلەر، رادىياكتىپلىق تەكشۈرۈش، ئۇلترا دولقۇنلۇق ئارقىلىق بەش ئەزا تەكشۈرۈشى، يۈرەك قان تومۇر تەكشۈرۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

گەرچە يۇقىرىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرى بۇنى «ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كېسەللىكلەرنى ئالدىن بايقاپ، خەلقنىڭ رازىمەنلىكىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئەسلى مەقسىتىدىن ئەندىشىلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.