«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»: سانائەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىۋەتتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.12.28

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» بۈگۈن ئۈرۈمچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە تۇنجى قېتىم ھاۋا بۇلغىنىشىغا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان زاۋۇت-كارخانىلار ۋە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىندى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يېقىنقى يىللاردا قۇرۇلغان زاۋۇت-كارخانىلار ۋە كۆمۈر يېقىلغۇسى تارقاتقان نىتروگىن ئوكسىد ۋە باشقا ئورگانىك ماددىلار ھاۋانىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىدىن ھالقىپ كەتكەن. نەتىجىدە ھاۋا مۇھىتى كۆپ تەرەپلىمە بۇلغىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە يەنە 2014-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلىقى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىگە تەۋە ئاپتوموبىل سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. نۆۋەتتە ئاپتوموبىللاردىن تارقالغان نىتروگىن گازى 50 توننا، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا 28 توننىغا يېتىپ، شەھەر ھاۋاسىنى بۇلغاۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىگە ئايلانغان. 

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ رايوننى گۈللەندۈرگەنلىكى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يۈكسەلدۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رايوندىكى تەرەققىياتتىن پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەرەققىياتنىڭ مەنپەئەت تەقسىماتىدا چەتتە قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، رايون ئېكولوگىيەسىنىڭ كۈنسايىن بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.