«بۇرۇت ماجىراسى»-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى پروزىچىلىق ئېقىمىنىڭ نەمۇسى دەپ قارالماقتا
2014.04.16
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «يېڭى پروزىچىلىق» ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت نەمۇنىلىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلغان.
1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى پروزىچىلىق ئېقىمىغا مەنسۇپ نادىر پروزا ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن. مۇھەممەت باغراش، مەمتىمىن ھوشۇر، خالىدە ئىسرائىل قاتارلىق بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئۇيغۇر مىللىي روھىيىتىنى پروزا ئىجادىيىتىدىكى يېڭىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق سەنئەت يۈكسەكلىكىدە ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1990-يىللاردا ئېلان قىلغان «بۇرۇت ماجىراسى» ناملىق ھېكايىسىدە ئۆز بۇرۇتىدىن خەۋپسىرىگەن باش پېرسوناژنىڭ ئوي-خىياللىرى، ئىزتىراپلىرى ۋە ۋەھىمىلىرىنى بىرىنچى شەخس تىلى ئارقىلىق ئىنتايىن ئىنچىكە سۈرەتلەپ بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئارىدىن بىرقانچە يىللار ئۆتمەيلا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ مەزكۇر ھېكايىسىدىكى بەدىئىي توقۇلمىلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا رېئاللىققا ئايلانماقتا.
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «بۇرۇت ماجىراسى» ناملىق ھېكايىسى مەيلى ئۆز ھەجمىگە سىغدۇرغان كۈچلۈك رېئاللىق تۇيغۇسى ياكى مىللەت تراگېدىيەسىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ بېرىشتىكى كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە ياكى ۋەقەلىكنى تەسۋىرلەشتىن روھىي دۇنيانى قېزىشقا يۈزلىنىشتىكى يېڭىچە بەدىئىي ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى پروزىچىلىقنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىدىن بىرى دەپ قارىماقتا.









