خىتاينىڭ «نازارەت دۆلىتى» بەرپا قىلىشى غۇلغۇلا قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-18
Share

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «نازارەت مېخانىزمى» نى بەرپا قىلىپ چىققان بولسىمۇ بۇ ھال ئىزچىل ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. 17-ماي كۈنى «ۋال سترېت ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان زالماي خېلىلزاد ئىمزاسىدىكى ماقالە ئەنە شۇ خىل پىكىرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

زالماينىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى بېسىپ دۇنياۋى قۇدرەت ساھىبى بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەمدە سىفىرلىق تېخنىكا ساھەسىدە ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇقتىغا سەل قاراشىغا بولمايدىغانلىقى جانلىق پاكىتلار ئاساسىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى يازدا ئۆزلىرىنىڭ 2025-يىلىغا بارغاندا تەقلىدى ئەقىل ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدى بولماقچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك پۇقرالارغا زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدىكى «نازارەت دۆلىتى» سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرى رەقەملەشتۈرۈلۈپ، غايەت زور مىقداردىكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلار توپلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا دەل مۇشۇ ئۇچۇرلارغا بولغان مۇتلەق كونتروللۇق ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋېلىپ، مۇشۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە نازارەت قىلىپ تۇرغان. بولۇپمۇ مىليونلىغان كامېرالارنىڭ ئورنىتىلىشى، پۇقرالارنىڭ تېلېفونلىرىغا مەخسۇس ئەپلەرنى مەجبۇرىي ئورناتقۇزۇپ «خەتەرلىك» مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش دېگەنلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل «نازارەت مېخانىزمى»نى چەتئەللەرگە كېڭەيتىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا سانلىق مەلۇمات خاككېرلىقى بىلەن ئاكتىپ مەشغۇل بولماقتا ئىكەن. بۇ بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت سىستېمىسى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىن كېلىۋاتقان بۇ تەھدىتكە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقىنى، جۈملىدىن خىتايغا قارىتا مەھسۇلات بېجىنى ئاشۇرۇش، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تەقلىدىي ئەقىل ۋە سىساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش، سىياسىي جەھەتتە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش ھەمدە دېموكراتىك قىممەتنى قوغداش، خىتايدىكى «نازارەت دۆلىتى»نىڭ باش كۆتىرىشىنى ئاشكارا چەكلەش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت