خىتاينىڭ رەقەملىك «ساقچى دۆلىتى» غەرب ئەللىرىدە ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-06-01
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «ساقچى دۆلىتى» شەكلىدىكى كونتروللۇق سىستېمىسى بەرپا قىلغانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپ قىسىم غەرب ئاخباراتلىرىدا يەر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

31-ماي كۈنى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا بۇ خىل كونتروللۇقنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر قاباھەت ئىكەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ماڭغان-تۇرغىنىدىن تارتىپ، ئۆي ئىچىدە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىرىغىچە ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق شەخسىيەت ھوقۇقى قالمىغان. ئەمما بۇ خىل نازارەت غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ئىجازىتىنى ئالمىغان ئەھۋالدا داۋام قىلماقتا ئىكەن.

بۇ ئەھۋالنى ئاپتور «ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەت بولغان خىتاي دۆلىتى رەقەملىك نازارەت ئارقىلىق شىنجاڭ رايونىنى قاباھەتلىك ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان، ئەمما غەرب دۆلەتلىرىدە بۇ خىل ۋاسىتىلەر پەقەت تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىلىدۇ،» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، رەقەملىك ئىنقىلابنىڭ خاراكتېرى نازارەت مېخانىزىمىغا ئۆزگىرىپ كەتكەندە سانلىق مەلۇماتلارنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئاسانلىق ۋە چەكسىز زور كۆلەمدە توپلاشقا يول ئېچىلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ ھال ئۇيغۇر دىيارىدا ئەينەن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، تەقلىدىي ئەقىل بۇنىڭغا يانداشماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە سابىق شەرقىي گېرمانىيە دەۋرىدىكى «ساقچى دۆلىتى» دە روياپقا چىققان نازارەتتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان نازارەت ئۇيغۇرلارنى «ئىرىقچى ساقچى دۆلىتى» نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا دۇچار قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاكىممۇتلەقلىقنى خىتاينىڭ ھېچقانداق يېرىدە تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ، بىر قاراشتىلا پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش پۈتكۈل خىتاي خەلقىنى كونترول قىلىشتىن كۆپ ئاسان بولغان شەكىلدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت