خىتاينىڭ ساقچىلار ئارقىلىق «مۇقىملىق» بەرپا قىلغانلىقتىن ماختىنىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.09

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 7-ئىيۇل كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ «ئۆتكەن 30 ئايدا شىنجاڭ رايونىدا ھېچقانداق زورلۇق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمىدى» دەپ جاكارلىغان ھەمدە ساقچىلار قوشۇنىنىڭ بۇ خىل «مۇقىملىق» ئۈچۈن غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار دىيارىدا 127 ساقچى خادىمىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە ئۆلگەن. ئەمما «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرى ئىجرا بولغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋالدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان. ئاپتورلار بىرنەچچە ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئۆز سۆزىگە «ئىسپات» قىلغان.

ھالبۇكى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار دىيارىنى «يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ساقچى دۆلىتى» دەپ تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيىلەش» نامىدا قاماققا ئېلىنىشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بارچە ئادەمنى قاماققا ئېلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق مەسىلە چىقمىدى، دەپ ماختىنىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ۋە ھاماقەتلىك» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.