چەرچەن ناھىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 300 نەپەر ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.15

چەرچەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 300 نەپەر ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ئۇقتۇرۇشتا قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارغا ئۆي ياردەم پۇلى، قىشلىق ئىسسىنىش پۇلى ۋە قوشۇمچە مۇكاپات پۇلى قېتىلىپ، ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن مائاش بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىسبەتەن كىچىك بىر ناھىيە ھېسابلىنىدىغان، 70 مىڭ نوپۇسلۇق چەرچەن ناھىيەسىنىڭ بىر قېتىمدىلا 300 ساقچى قوبۇل قىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساننىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ بىر جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سىياسىي قانۇن كومىتېتىمۇ 14-ئاۋغۇست كۈنى ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا ئىمتىھانغا قاتناشقان نامزاتلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مىللەت تەۋەلىكى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرى بېرىلمەي، پەقەت كىملىك نومۇرىلا بېرىلگەن. جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ سىياسىي-قانۇن ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش ساھەسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىدارىلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملار سانىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 922 نەپەر كىشىگە يېتىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېقىنقى ئايلاردا خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان خەۋەر-ماقالىلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا قوبۇل قىلىنىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۆپلۈكى رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم پاكىتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.