ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلار ساختا «ماشىنا ۋەقەسى» ۋە ساختا «ساياھەتچى» لەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن زىيارەتكە بارغان. ئۇلار 6 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىنى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» گە قارىتا تەشكىللىك زىيارەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ رايوننى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا زىيارەت قىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ لاگېرلارغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لاگېرغا بارىدىغان يوللاردا ساختا «ماشىنا ۋەقەسى» پەيدا قىلىش ۋە ياكى «يول قۇرۇلۇشى» قىلىۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ سەپەر قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئاتۇشتىكى مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ يولغا چىققاندا تۇيۇقسىزلا يولدا پەيدا بولغان ساقچىلار ئۇلارنى توسۇپ بۇ يولدا «سىناق» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇخبىرلار خوتەندىكى بىر لاگېرغا يېقىنلاشقىنىدا تۇيۇقسىزلا يول تاقالغان ۋە بىر ماشىنا كېلىپ يولنى قومۇرۇشقا باشلىغان ۋە ئۇ يول 5 كۈن بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن. ساياھەتچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان كىشىلەرمۇ داۋاملىق ئۇلارغا ئەگىشىۋالغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىنى نازارەت كامېرالىرى ئورنىتىش ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرەر كىشىنى تېپىپ ئايرىم زىيارەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى قەشقەردىكى مەزگىلىدە ئۇلار ياتاقتا يوق ۋاقىتتا ياتىقىغا بىرى كىرىپ، سومكىلىرىنى ئاقتۇرغان. گەرچە ئۇلارنىڭ ھېچنېمىسى يۈتۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، مۇخبىرلار بۇنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت