ساۋەن ناھىيەسىنىڭ بىر كەنتىدىكى پۈتۈن مەسچىتلەر چىقىۋېتىلگەن، مەسچىتكە ئىئانە بەرگەنلەر تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ليۇشوگو كەنتى 210 مىڭ نوپۇسلۇق مەزكۇر ناھىيەدىكى تىپىك مۇسۇلمان كەنتى بولۇپ، دائىرىلەر 2018‏-يىلى بۇ كەنتتىكى 3 مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغان، ئۇنىڭغا ئىئانە بەرگەن مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلغان.

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ 15‏-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن تىلى 2‏-ئايدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا مەزكۇر كەنتنىڭ 4 نەپەر ئىمامىنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ يىلى 10‏-ئاپرېل كۈنى بۇ كەنتتىكى 3 مەسچىتنى چېقىپ تۈپ-تۈر قىلىۋەتكەن.

خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ مەسچىتكە ئىئانە بەرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ تىزىملىكىنى تېپىۋېلىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە جەمئىي 43 نەپەر كەنت پۇقراسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئەركەكلەرنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ھەر كۈنى كەنت كومىتېتىغا كېلىپ، «سىياسىي ئۆگىنىش» كە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە يەنە ليۇشۇگو كەنتىدىكى مەسچىتلەر چېقىلغان 10‏-ئاپرېل كۈنى قوشنا جياخېزى كەنتىدىكى مەسچىتلەرنىڭمۇ چېقىۋېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭغا قوشنا يەنە بىر كەنت-ئەنجىخەيدىكى بىر مەسچىت ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قۇببىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، پانۇس ئېسىلغانلىقى ھەم ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇشۇگو كەنتىدىكى بىر يەرلىك تۇڭگان پۇقراسىنىڭ «زىمىستان» تورىغا بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇنلار «ئۆزگىرىپ، ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمىگۈچە قويۇپ بېرىلمەيدىكەن.» ئۇ كومپارتىيەنىڭ ھازىر مۇقىملىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن چاتىقى يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ، «كومپارتىيە پۈتۈن تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان خىتايلارنى تۇتۇشقا باشلايدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ نوپۇسى 210 مىڭ بولۇپ، تۇڭگان، قازاق ۋە ئۇيغۇرلار مەزكۇر ناھىيە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت