گېرمانىيەنىڭ بۇ يىللىق «نيۇرېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.03.01

گېرمانىيەنىڭ 2021-يىللىق «نيۇرېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتبايغا بېرىلگەن. «جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «نيۇرېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش كومىتېتى تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق سايراگۈل سائۇتباينى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن. خەۋەردە كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىپ، سايراگۈل سائۇتباينىڭ «قايىل قىلارلىق جاسارەت» بىلەن خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن تىك تۇرغانلىقى، «ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتىلغان جىنايەتنى پاش قىلغانلىقى» ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بېرىشنى توغرا تاپقانلىقى تەكىتلەنگەن.

سايراگۈل سائۇتباي بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «جەسۇر ئاياللار» مۇپاكاتىغا ئېرىشكەنىدى. سايراگۈل سائۇتباي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ موڭغولكۈرە ناھىيەسىدىكى بىر خىتاي جازا لاگېرىدا مەجبۇرىي لاگېر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2018-يىلى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، بىراق قازاقىستان ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2019-يىلى شىۋېتسىيەنىڭ سىياسىي پاناھلىقىغا ئېرىشىپ، ئائىلىسى بىلەن شىۋېتسىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ جەرياندا ئۇ لاگېردىكى خورلاش ۋە باسقۇنچىلىق قىلمىشلارنى ئاشكارىلاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

مەزكۇر مۇكاپات گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە سايراگۈلگە بېرىلگەن. «جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، نيۇرېنبېرگ شەھەر باشلىقى ماركۇس كۆنىگ خىتاينىڭ بۇ مۇكاپات سەۋەبلىك ئىنكاس بىلدۈرۈشى مۇمكىنلىكى، بىراق نيۇرېنبېرگ شەھىرىنىڭ خىتاي بىلەن «مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.