خىتاينىڭ شۋېتسىيەدىكى ئەلچىخانىسى سايراگۈل سائۇتباينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.06

خىتاينىڭ شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يېقىندا شۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل سائۇتباينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سايراگۈلنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكى، ئۇنىڭ ھېچقاچان «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سايراگۈل سائۇتباي خانىم يېقىندا شۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغانىدى.

سايراگۈل 2017‏-يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچى بولۇپ مەجبۇرى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ لاگېردىكى ناھەقچىلىككە چىدىماي 2018‏-يىلى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، بۇ يەردىكى يولدىشى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن جەم بولغان. بىراق قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى قازاقىستان چېگراسىغا قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغانىدى. بۇ ۋەقە ئەينى چاغدا خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. 

شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭغا سىياسىي پاناھلىق بېرىپ، ئائىلىسى بىلەن شۋېتسىيەگە كېلىپ ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى. سايراگۈلنىڭ شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىدە قىلغان سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ئۇ، بۇ ئورۇنلارنىڭ رادىكاللىققا قارشى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. 

خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا، «سايراگۈل سائۇتباينىڭ يېقىندا شۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا خىتاينىڭ قانۇنلارغا ئاساسەن شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رادىكاللىقنى تۈگىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىگە تۆھمەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتەك مەنتىقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، سايراگۈل سائۇتباي ھېچقاچان شىنجاڭدىكى بىرەر كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىشلەپ باقمىغان ۋە شۇنداقلا ھېچقاچان تۇتقۇن قىلىنىپ باقمىغانىكەن. باياناتتا يەنە، ئۇنىڭ 2018‏-يىلى خىتاي چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈپ قازاقىستانغا كىرگەنلىكى ۋە قازاقىستاندا جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، جازالانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.