تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ جۇدالىققا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.20

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئائىلە سورۇقچىلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقان سەبىي پەرزەنتلىرىدۇر. يېقىندىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىدە بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ «يەسلى» نامىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلارغا زور ساندا يىغىۋېلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى يېقىندا شەھەر ئىچىدە يېڭىدىن 26 يەسلى سالماقچى بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يەسلىلەر بۇ يىل سېنتەبىردە تاماملىنىپ، 10 مىڭغا يېقىن بالىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

خەۋەردە گەرچە بۇ يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلۇشى «يەسلى قىس بولۇش» مەسىلىسىگە باغلانغان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنى بىر يەرگە توپلاش ھەمدە ئۇلارنى كىچىكىدىنلا خىتايچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.