كەنت ئاھالىسى ئۆزلىرى سايلىغان پارتىيە سېكەرتارىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.06.19


خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ شەھىرى ۋۇكەن كەنتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن زۇليەن 18 - ئىيۇن كۈنى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن پارا ئېلىش قىلمىشى ئارتىلىپ، تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، 19 - ئىيۇن كۈنى 3 مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى سايلىغان لىن زۇليەننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىز گۇاڭدوڭ بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر زور ساندىكى ساقچى ئەۋەتىپ، ۋۇكەن كەنتىنى قامال قىلغان.

كەنت ئاھالىسىنىڭ نامايىشى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، دائىرىلەر كەنت ئاھالىسىنىڭ يىغىلىش ھەركىتىنى قامال قىلىش ئۈچۈن تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەندىن سىرت يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چىقىرىپ، ھاۋادىن نامايىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى لىن زۇليەن كەنت ئاھالىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇ يەكشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، يەر مەسىلىسى ھەققىدە يۇقىرىغا ئەرز قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئەمما، يەكشەنبە كۈنى غەزەپكە كەلگەن كەنت ئاھالىسى لىن زۇليەننىڭ ئايالىنىڭ باشلامچىلىقىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆز سېكېرېتارىنى قويۇپ بېرىش ۋە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھەتتا نامايىش باشلىنىشتىن ئىگلىرى كەنت ئاھالىسى كەنتكە كىرمەكچى بولغان ساقچىلارنى توسقان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن مۇخبىرلارنى تۇتۇشىغا يول قويماي ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن ئىكەن.

لىن زۇليەن 2011 - يىلى، ۋۇكەن كەنتىدە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنسىز يەر ئىگىلەشتىن ئىبارەت چىرىكلىك قىلمىشىغا قارشى قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن سايلام ئارقىلىق كەنت ئاھالىسى تەرىپىدىن پارتىيە گۇرۇپپا سېكېرتارىلىق ۋە كەنت كومىتېتنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.