خىتاي بىر قىسىم داڭلىق سەنئەتكارلارغا سوتسىيالىزم تەربىيىسى بېرىشكە باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى بىر قىسىم داڭلىق كىنو رېژىسسورلىرى، كىنو ئارتىسلىرى ۋە ناخشا چولپانلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارغا سوتسىيالىزم تەربىيىسى بېرىشكە باشلىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ مەقسەتتە بۇ ھەپتىدىن بۇيان خاڭجۇ شەھىرىگە توپلانغان 100 دىن ئارتۇق سەنئەتكار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن «خىتايچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى» دېگەن نۇتۇقنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 42 مىليون مەستانىسى بار داڭلىق ناخشا چولپىنى لۇخەن، خىتايدا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە 77 مىليون تور مەستانىسى بار كىنو چولپىنى ياڭمى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەرنىڭ داڭلىق سەنئەتكارلارنى توپلاپ شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى بارلىق ساھەلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇقنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر كۇرس جەريانىدا بىر قىسىم داڭلىق ئارتىسلار شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋەر» ئىدىيىسىنى ياقىلايدىغانلىقىدىن بىلدۈرۈشكەن. 

ئەمما كۇرس سىرتىدىكى يەنە كۆپلىگەن سەنئەتكار ۋە يازغۇچىلار سوتسىيالىستىك كونتروللۇقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى تۇنجۇقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان نەنجىڭلىق ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورى خۇ جيې سەنئەتكارلارنى پارتىيە بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاشقا مەجبۇرلاشنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيەت روھىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ھەممە نەرسىدىن تەشۋىقات يوچۇقى ئىزدەپلا يۈرىدۇ. بۇ يېڭى ئىش ئەمەس. ئۆتمۈشتە بېشىمىزدىن ئۆتكەن بۇ ئۇسۇللار ئەمدىلىكتە بۈگۈنىمىزگە سۇقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. كونترول قىلىش ھەر زامان مەغلۇپ بولۇپ كەلگەن، ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇ يەنە چىڭىۋاتىدۇ.»

ئەدەبىيات-سەنئەتنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پىكرى شى جىنپىڭ ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئەمەس. ئۇ 2014-يىلى ئۆكتەبىردىكى بىر نۇتقىدىمۇ شۇنداق بىر ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت