ياپونىيە قوراللانغان خىتاي پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇغا يېقىن جايدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە چارشەنبە كۈنى بىر خىتاي دېڭىز قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىن جايدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئادەتتە خىتاينىڭ دېڭىز چارلىغۇچى پاراخوتلىرى بۇ جايدا ھەرىكەت قىلسىمۇ، ئەمما ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرى خىتاينىڭ پاراخوتىنىڭ ق قوراللانغانلىقىنى، بۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي بولسا بۈگۈنكى باياناتىدا، ياپونىيەنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ «بۇ ئادەتتىكى ئەسلىھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان چارلىغۇچى پاراخوت. ئۇ ئۆزىنىڭ زېمىنىدا نورمال چارلاش قىلىۋاتاتتى» دېيىش بىلەن بىرگە، بۇ ئارالنىڭ خىتايغا تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى باياناتچىسى تاكاكو ئىتو رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە، ياپونىيە تەرەپنىڭ خىتايغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە خىتايدىن سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي بىلەن ياپونىيە ھەر ئىككىسى، خىتاي «دياۋيۈ» ئارىلى دەپ ئاتايدىغان سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تالاش-تارتىشتىكى ئارال بىر قانچە قېتىم ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك جىددىيلىك پەيدا قىلغان ئىدى.

ياپونىيە دېڭىز چارلىغۇچى قىسىملىرى خىتايغا تەۋە بۇ قوراللىق چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ تۇنجى نۆۋەت سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارالغا 29 كىلومېتىر يىراقلىقتا كۆرۈلگەنلىكىنى، ئىككىنچى قېتىم بولسا چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت