فىرانسىيە ئاگېنتلىقى: «سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىمكانسىز تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.27

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قەرەلىنىڭ توشۇپ كېتىشى ياكى توشۇپ كېتىشكە ئاز قېلىشى سەۋەبلىك قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە سەئۇدىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئۇزارتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقى سەۋەبلىك ئۇلار پاسپورتسىز قېلىش ياكى خىتايغا قايتىپ لاگېرلارغا قامىلىشتەك ئىمكانسىز بىر تاللاشقا دۇچ كەلمەكتىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق پاسپورت قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ياكى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدىكى 6 ئۇيغۇر ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشقان. خەۋەردە، ئۇلارنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خىتايغا قايتىپ كېتىشتىن ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ سەئۇدىدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى توختاتقىنىغا 2 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر بۇ ئۇسۇلنى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر خىل تاكتىكىسى، دەپ قارىماقتىكەن. خەۋەردە، مەدىنىدە ئوقۇۋاتقان 30 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچى: «ئۇلار يا مېنىڭ پاسپورتۇمنى يېڭىلاپ بېرىشى كېرەك ياكى مەن پۇقرالىقتىن ۋاز كېچىشىم كېرەك. ئۇلار بىزنى ھېچقانداق قىممىتى يوق ئادەملەردەك ھېس قىلدۇرماقتا» دېگەن. نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، «خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىشى ئۇلارنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇرلاشتىكى بىر خىل ئىستراتېگىيەسى» ئىكەن. ئۇ «ئەگەر قايتىپ بارسا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغۇنى تۇتقۇندۇر» دېگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا بېيجىڭنى قوللاپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.