سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتايغا بەرگەن يېڭى ۋەدىسى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.03.26

ئۇيغۇر جەمىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن رىيادقا بارغان ھەمدە ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تېرورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇھەممەد بىن سالمان شۇ قاتاردا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «تېرورلۇققا قارشى تەدبىرلەر» نى قەتئى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ۋاڭ يىغا ۋەدە بېرىپ «بىز سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلارغا ھېچقانداق ئەھۋالدا ئارىلاشمايمىز. شۇنداقلا ھېچقانداق بىر گۇرۇھنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشىغىمۇ يول قويمايمىز» دېگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئوخشىمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ھېمايە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ قالغان بىر قىسىم ئ‍ۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ مەخپىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.