خىتاينىڭ سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.13

ئامېرىكىدىكى بىر تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلار ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ياققا بۇرىماقچى بولۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىدىكى «كونتېر كارېنت» ناملىق توردا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالە ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى جەيمىس دورزېي تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ماقالىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنى «تۈركىستانلىق»، دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوللاپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش پىلانى ئۇنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى»نى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە تەيۋەنگە قارشى «بىر جۇڭگو» سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن يىللىق يەرشارى پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خىتايشۇناس مۇھەممەت ئەل سۇدەيرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا 150 مىڭدىن 210 مىڭغىچە شەرقىي تۈركىستانلىق ياشايدىكەن.

ماقالىدا، سەئۇدى ئۇيغۇر جامائىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتايدىكى سۈننىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تەشۋىقاتىدا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پان-تۈركىزىمنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاينىڭ دىققىتىنى يەنە سەئۇدىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىشنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 2013‏-يىلى ئەنۋەر ھەبىبۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇرنى ئۇنىڭ جىددىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇللىقىغا تەيىنلىشى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ماقالىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتايغا بولغان تونۇشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى مۇھەممەت ئەمىن ئىسلام تۈركىستانىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، لېكىن سەئۇدى ھۆكۈمىتى خىتاينى تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە تەسىر قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.