«شائىر غايب قىلىۋېتىلگەندە ئۇنىڭ شېئىرى سۈكۈتنى بۇزىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.11.23

23-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرشۇناس تارىخچى جوشۇۋا فرىمەننىڭ «خىتاي مېنىڭ پروفېسسورۇمنى غايب قىلىۋەتتى، ئەمما ئۇنىڭ شېئىرىنى جىمىقتۇرالمايدۇ» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقى ئالدىدا شېئىر گەرچە ھېچنېمىگە ياردەم بېرەلمىسىمۇ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇمۇ بىر كۈچلۈك قارشىلىق قىلىش قورالىدۇر» دېگەن نۇقتىئنەزەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.

جوشۇۋا فرىمەن ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە يېتەكچى ئۇستازى ۋە دوستى ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئۆتكەن كەچمىشىنى بايان قىلغان بولۇپ، 2016-يىل ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى، 2018-يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قاتارىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

جوشۇۋا فرىمەن بۇ ماقالىسىدە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆيگە قايتالمايدىغان يول» ناملىق شېئىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇ شېئىرنىڭمۇ خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا سالغان قەبىھ زىيانكەشلىكىگە ئىسپات بولالايدىغانلىقىنى، بۇ زۇلۇمغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دائىم كۈچلۈك بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە شېئىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كۈچلۈك ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ماقالىسىدە ئۇ شېئىرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىدىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر بىر ئۇيغۇر 1933-يىل خىتاي مىلتارىست تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ۋە ئۇنىڭ ‹ئويغان›دېگىنى شېئىرىنى بىلىدۇ. ئوت يۈرەك شائىرلارنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە، زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىگە ئىلھام بېرىپ كەلدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.