شەندوڭدا ئىشچىلار ئىش تاشلاپ نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-25
Share

رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 22 - 23 - كۈنلىرى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجۇ شەھىرىدىكى دۆلەتلىك كارخانا شەندوڭ دېجۇ پاختا توقۇمچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى 4 ئاي سوزۇپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن زاۋۇتتىكى بىر قانچە مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىغان. ئىشچىلار شۇ كۈنلىرى شەھەرنىڭ قاتناش يوللىرىنى توسۇپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ساقچى تەرەپ كۆپ ساندا ساقچى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە 6 ئىشچى تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.

«ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22 - 23 - يانۋار كۈنلىرى بىر قانچە مىڭ ئىشچى شەھەرنىڭ ئۈچ چوڭ كوچىسىنى توسۇپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن زور ساندا ساقچى كۈچى ئاجرىتىلىپ، ئۇلارنى قورشاۋغا ئالغان ھەمدە 6 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن ئىشچىلار ساقچىلاردىن تۇتۇپ كەتكەن ئادەملەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرى، ساقچىلار بۇ 6 ئادەمنى قويۇپ بەرگەن. نامايىش نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىشچىلار بىلەن زاۋۇت ئارىسىدا ئاغزاكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، زاۋۇت ئىشچىلارنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشنى تارقىتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زاۋۇت 1958 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شەندوڭدىكى چوڭ تىپتىكى پاختا توقۇمچىلىق زاۋۇتى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت