شاڭخەيلىكلەر يەنە 500 ئۆلۈك چوشقىنى سۈزۈۋالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.03.17

يەكشەنبە كۈنى شاڭخەي شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر خۇاڭپۇ دەرياسىدىن يەنە 500 ئۆلۈك چوشقىنى سۈزۈۋالغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، ھازىرغىچە شاڭخەي دائىرىلىرى خۇاڭپۇ دەريادىن جەمئىي 8500 ئۆلۈك چوشقا سۈزۈۋالغان بولۇپ، ئۆلۈك چوشقىلار داۋاملىق ئېقىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۆلۈك چوشقىلارنىڭ خۇاڭپۇ دەرياسىدا پەيدا بولۇش ۋەقەسى شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ ۋە مۇھىت جىددىيلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ، پۇقرالار ئىنتېرنېت تور ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىغا ئائىت ئەندىشىلىرىنى ئېلان قىلغان. بىراق، 17 - مارت كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك مۇھىت قوغداش ۋە سۇ ئىدارىسى شاڭخەي شەھىرىدىكى ئىچىملىك سۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شاڭخەيلىكلەرنى خاتىرجەم قىلغان.

بۇنداق زور ساندىكى ئۆلۈك چوشقىلارنىڭ قەيەردىن، نېۋە سەۋەبتىن دەرياغا تاشلىنىپ، ئۇدۇل شاڭخەيگە ئېقىپ كېلىشىدىكى سەۋەبلەر تېخى ھازىرچە مەتبۇئاتلارغا ئايدىڭ ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.