خىتاي تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-01-02
Share

خىتاي ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ كۇنشىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاڭ كۇنشىڭ بۇ ئورگاندىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان 4 ئەمەلدارنىڭ بىرى ئىكەن.

بىراق جاڭ كۇنشىڭنىڭ قايسى ئورگان تەرىپىدىن تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ۋە نېمە ئىش قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

جاڭ كۇنشىڭ شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى مەزگىلىدە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ 2014‏-يىلى يانۋاردا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىسلاندىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى ما جىشىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى بەكرەك دىققەت قوزغىدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، ما جىشىڭ ياپونىيەگە ئىشپىيونلۇق قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ما جىشىڭنىڭ «شەخسى سەۋەبلەر» بىلەن ئىسلاندىيەگە قايتىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي ئاخباراتى ھۆكۈمەتنى ما جىشىڭنىڭ ياپونىيەگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، جاڭ كۇنشىڭنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ ئۆتكۈزۈۋالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت