شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر يېڭى ھۇجۇم باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-25
Share


شەنبە كۈنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئۆزىنى دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى زاخارچېنكو ئۆزلىرىنىڭ كىيېف ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، تاكى دونېتسك رايونىنىڭ چېگرىسىغىچە ئۇرۇش قىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر شەرقىي ئۇكرائىنادىكى قارا دېڭىز رايونىدىكى مارىيۇپول دېگەن جايغا ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ باشلانغانلىقىنى رۇسىيەپەرەس ھۆكۈمەت رەھبىرى ئاندرېي زاخارچېنكو ئېيتقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، شەنبە كۈندىكى زەمبىرەك ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 27 ئادەم ئۆلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مارىيۇپولغا قىلىنغان زەمبىرەك ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ھەمدە رۇسىيەنى ئىسيانچىلارغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ناتو باش سېكرىتارى يېنىس ستولتېنبېرگ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئىسيانچىلارنى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن قوللاشنى توختىتىشقا چاقىردى. ب د ت باش سېكرىتارى بان كىمون مارىيۇپولغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت