ئاقسۇ ۋىلايىتىدە شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي بايلىقى تىزىملانغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا باشلانغان ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بۇ باسقۇچلۇق خىزمىتىنى خۇلاسىلىگەن.

بۇنىڭدا ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى كارخانا ئورۇنلىرى ھەمدە 12 مىڭدىن ئارتۇق يەككە تىجارەتچى قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي بايلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئالاقىدار جەدۋەل بويىچە تولدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تاپشۇرغان. بۇنىڭ ئورۇنلىنىش نىسبىتى يۈز پىرسەنتكە يەتكەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە يەككە تىجارەتچى ۋە پۇل تاپقان شەخسلەردىن «چوڭ سودىگەر» دەرىجىسىدە بولمىغانلارنىڭمۇ قاتتىق تەكشۈرۈش شەكلىدە رويخەتكە ئېلىنىشى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش مەركەزنىڭ بىر تۇتاش بۇيرۇقى بويىچە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باشقا شەھەر ۋە ناھىيەلەردىمۇ ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت