شى جىنپىڭنىڭ دۇبەي زىيارىتى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى دۇبەيگە خىزمەت زىيارىتىگە كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككىنچى قارار ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيانقى ئۇنىڭ تۇنجى چەتئەل زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى دۇبەي زىيارىتى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق رايونى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان جايلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ دۇبەيگە كېلىشنىڭ ئالدىدىلا بۇ جايدىكى سىمۋوللۇق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بولغان بۇرج ئەل خەلىپە، بۇرج ئەل ئەرەب قاتارلىق بىنالاردا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى غايەت زور شەكىلدە جەۋلان قىلدۇرۇلغان ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى نامايان قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن خىتاينىڭ يىللىق سودىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە بۇ سودا سوممىسىنى بىر قاتلاشقا كېلىشكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سۇلتان ئەھمەد ئەل جەبىر بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت ئۆزئارا ھۆرمەت، سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان» دېگەن.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي شەھىرىدە «ئەركىن سودا رايونى» ۋە «خىتاي شەھىرى» قۇرۇشقا كېلىشكەن. يېڭىدىن تەسىس قىلىنماقچى بولغان «خىتاي شەھىرى» دۇبەي ئايرودرومىغا ئون مىنۇتلۇق يىراقتا بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ «خىتاي شەھىرى» بولۇپ قالىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بۇ قەدەر ئاپاق-چاپاق بولۇپ كېتىشى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چۈنكى خىتاي نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ئامىلنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆز تەسىرىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە كېڭەيتمەكتە ئىكەن. نۆۋەتتە بولسا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كېلىۋاتقان سودا جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي شېرىكلەرنى تېپىشقا موھتاج بولماقتا ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى «ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى نېفىت ئىمپورتىغا كېپىللىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرمەسلىكنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ تەخمىن قىلماقتا.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەش، دىنىي كىتابلارنى، جەينىماز قاتارلىقلارنى يىغىپ كۆيدۈرۈش، روزا تۇتۇشىنى چەكلەش، شۇنىڭدەك مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاشتەك بىر قاتار ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بىرەر مۇسۇلمان دۆلىتى ھۆكۈمىتى ياكى خەلق’ ئىسلام كونفېرەنسىيەسىگە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەنقىدىي ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت