تەيۋەن دائىرىلىرى شى جىنپىڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-01-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» لايىھەسى بويىچە تەيۋەنگە سۇنغان بىرلىككە كېلىش تەكلىپى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

ئامېرىكا رادىيو شىركىتى خەۋەرلەر تورىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن شى جىنپىڭنىڭ تەھدىت ئارىلاش تەكلىپىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەيۋەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك،» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىس شى جىنپىڭ 2-يانۋار كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلغان «تەيۋەن سىياسىتىنىڭ 40-قېتىملىق نامايەندىسى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم بىز بىلەن بىرلىشىشى كېرەك. خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› بىرلىككە كېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى،» دېگەن. ئۇ يەنە «بىرلىككە كېلىشتەك مۇقەررەر ئېقىمنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، مۇستەقىللىق تەيۋەن ئۈچۈن بىر تۇيۇق يولدۇر،» دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە سۇنغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» تەكلىپى خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان سىستېما بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدىكەن ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە قايتۇرغان جاۋابىدا ئالاھىدە قىلىپ، «تەيۋەن خەلقى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قوشۇلۇشقا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز خەلقىنى ئىدارە قىلىشتا تەيۋەنگە ئوخشاش دېموكراتىك يولنى تۇتۇش كېرەك،» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردىمۇ سەي يىڭۋېننىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەھدىتلىك تەكلىپىگە قايتۇرغان كەسكىن جاۋابى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت