شى جىنپىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى قېزىپ چىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.01.23

ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمدى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» دا تارقىتىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغاندا سىياسىي جەھەتتىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى يوقىتىش توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان. ئۇ سۆزىدە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ «ناھايىتى كۈچلۈك يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ۋە ئازدۇرۇشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكى» نى، شۇڭا ئۇلارغا قارشى كۈرەشتىكى مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى «داۋاملىق پەرقلەندۈرۈپ تازىلاش ۋە سىياسىي ئېكېئولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى قېزىپ چىقىرىش ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى «قايتا تەربىيەلىنىش» ئۈچۈن لاگېرلارغا قامىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ساتتار ساۋۇت، تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك كۆزگە كۆرۈنگەن سەرخىللارغا كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتكەندىن باشقا، ئۇنى ئەمدى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ھازىرلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسەتلىرىنى سىناق قىلىدىغان «تەجرىبە مەيدانى» دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.