بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغانلىقى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.01.25

خىتايدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۈگۈن «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى» نىڭ قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئىسمى «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى» بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماركسىزم تەتقىقات ئىنستىتۇتى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئىكەن.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى بىر دەۋردىكى خىتاي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرىدە بۇنداق بىر مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خى ۋېيفاڭ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يالغۇز بىر رەھبەرنىڭ سۆزى ئۈچۈن بۇنچە كۆپ تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلۇشىغا چۈشەنچە بېرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنداق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ھەقىقىي ئاكادېمىيە، تەنقىدچىلىك ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭدىكى ئاساسىي قانۇن تەتقىقاتچىسى، تارىخچى جاڭ لىفەن بولسا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەتكە سېتىلغانلىقىنى، ئەمدى ئۇ يەردە بىلىمدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، ھەممە نەرسىنىڭ پارتىيەۋىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كېيىنكى يىللاردا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇلغان نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئىچىدىكى پەقەتلا بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ مەركەزنى قۇرۇش شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان بولۇپ، نۇرغۇن خىتاي كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى بۇ يۆنىلىشىنى خەتەرلىك دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.