شى جىنپىڭنىڭ «باش سېكرېتار» دىن «ئىمپېراتور» غا ئايلانماقچى بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.27

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «دۆلەت رەئىسى ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ» دېگەن ماددىنى چىقىرىۋېتىشكە تەييارلىنىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق 2023-يىلىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خىتاينىڭ رەھبىرى بولۇشقا ئىنتىلىشى بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالدى.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى چوڭ گېزىتلەر بىردەك بۇ ئەھۋالنى «شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللەرگە ئۇزارتىش ئۇرۇنۇشى خىتاي 1912-يىلى خاتىمە بەرگەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى يېڭىچە ئىنكاسى» دېدى. يەنە بەزىلەر بولسا «شى جىنپىڭ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ماۋ زېدوڭدىن كېيىنكى مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە ئىككىنچى داھىي بولماقچى» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكىدىكى س ن ن تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئاق ساراي خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى بۇ قەدەر زورايتىش ئۇرۇنۇشىغا سۈكۈتتە تۇرماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىگە چوڭ زىيان سالىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بولسا بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدوڭنى دوراش ۋە «ئۆمۈرلۈك رەھبەر» بولۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ زور بىر خەتەر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي خەلقىنىڭ «مۇتلەق داھىي» ماۋ زېدوڭ ئۈچۈن 1950- ۋە 1960-يىللاردا مىليونلاپ قۇربان بەرگەنلىكنى ئالاھىدە ئەسلەتتى.

ب ب س نىڭ 27-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىمۇ بۇ ھەقتە زور غۇلغۇلا بولغان. ئەمما ھۆكۈمەت تارماقلىرى تورلاردىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارچە ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. بۇ ھەقتە «خىتاي ياشلىرى گېزىتى» نىڭ سابىق تەھرىرى لى داتوڭ بېيجىڭدا ب ب س نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. زىيارەت جەريانىدا ئۇ «ئاساسىي قانۇننى بۇ شەكىلدە ئۆزگەرتىشكە پۈتۈن مەملىكەت بىردەك قوشۇلىدىغان ئىش يوق. ئەمما ھازىر ھەممىلا كىشى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز تارىختىن بۇيان ئىككى قەدەم ئالدىغا، بىر قەدەم ئارقىغا مېڭىپ كېلىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى ئاساسىي قانۇننى مۇشۇ يوسۇندا ئۆزگەرتىش خىتاي ئۈچۈن بالايىئاپەتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.