شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن چۈشمەسلىك پىلانى زور بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىدا چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىش خىيالى پەيدا قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.28

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىش پىلانى يەكشەنبە كۈنى ئاخباراتقا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن زور بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىدا چەت دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كېتىش خىيالى تۇغۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە خىتايچە بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆچمەنلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىدا ئۇچقاندەك تېزلىكتە ئۆرلەش بولغان. ئامېرىكا ۋە كاناداغا ۋىزا ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ھەمكارلىشىدىغان گلوبە ۋىسا ناملىق شىركەتمۇ ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە نورمالدىن تاشقىرى كۆپ تېلېفون قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

كالىفورنىيەدە ئادەتتە خىتايلارغا ئۆي ساتىدىغان بىر ئۆي-زېمىن شىركىتىمۇ شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن چۈشمەسلىك پىلانى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنلا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئۆي-زېمىنغا بولغان قىزىقىش نىسبىتىدە پەۋقۇلئاددە يۈكسىلىش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ھەتتا خىتاي مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۆزلىرىگە ئادەتتىكىدىن كۆپ تېلېفون كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئانالىزچىلار، شى جىنپىڭنىڭ دىكتاتورىلىق چۈشىنىڭ كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرىدا خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە سىياسىي جەھەتتە ماۋ زېدوڭ دەۋرىگە قايتىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىنى تۇغدۇرغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم مۈلۈكدار پۇقرالارنىڭ خىتايدىن قېچىش كويىغا چۈشكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.