چەتئەلدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈ ھوقۇق تۇتۇشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ، شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈ ھوقۇق تۇتۇشىغا يول ئېچىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغالدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى يەكشەنبە كۈنى ئاۋاز بېرىپ، خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 79‏-ماددىسىدىكى دۆلەت رەئىسىنىڭ 2 نۆۋەت ھوقۇق تۇتۇشىغا دائىر چەكلىمىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلىدىكەن. چەتئەل ئاخباراتلىرى بىلەن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشى شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈ ھوقۇق تۇتۇشىغا يول ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، رەسمىي تەشۋىقات باشلىغان. خەۋەردە بۇ تەشۋىقات ئېلانلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا نيۇ-يوركتىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرگىچە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى چەكلىمىنى بىكار قىلىش قارارى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا «بۇ خىتاينىڭ بىر ئادەم دىكتاتۇرلىقىدىكى ئىستىبدات دۆلەتكە ئايلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ،» دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ھازىر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بېرىدىغان ئاۋازىغا بۇرالغان. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 54 يىللىق تارىخىدا ھېچقاچان كومپارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان بىرەر قانۇن لايىھەسى رەت قىلىنىپ باقمىغان ئىكەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەزكۇر لايىھەنىڭ رەت قىلىنىشىنى كۈتۈشكە بولمىسىمۇ، بىراق بەزى ۋەكىللەرنىڭ رەت ئاۋازى بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئاساسىي قانۇندىكى چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، «شى جىنپىڭنى خىتاي خەلقى بىلەت تاشلاپ سايلىمىغانلىقى، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ھوقۇق تۇتۇشى بىر كىشىنىڭ شەخسى دىكتاتورلىقىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت