شى جىنپىڭنىڭ چېخ زىيارىتى ھارپىسىدا پراگاغا ئېسىلغان خىتاي بايراقلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.28

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان دۆلەت زىيارىتى ھارپىسىدا پراگا كوچىلىرىغا ئېسىلغان خىتاي بايراقلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 25- ۋە 26-كۈنلىرى كېچىدە پراگا كوچىلىرىدا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى بىلەن پاراللېل قىلىپ ئېسىلغان خىتاي بايراقلىرى سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قارا بوياق بىلەن بويىۋېتىلگەن.

بۇ ۋەقە شى جىنپىڭنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىگە زىيارەتكە كەلگەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ بىر ئوچۇم قارا نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن چېخىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ بۇ قارا نىيىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن.

بۈگۈن بېيجىڭدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە «جۇڭگو بايرىقىغا قارا سۈركەش ئەمەلىيەتتە چېخ بايرىقىغا قارا سۈركىگەنلىكتۇر» سەرلەۋھىلىك ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ھەمدە چېخ ئۆكتىچىلىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

گەرچە ھازىرغا قەدەر ھېچكىم بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر چېختىكى ئۆكتىچى كۈچلەر خۇددى ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ چېخنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرغاندەك، بۇ قېتىم خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭمۇ چېخ زىيارىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.