شى جىنپىڭنىڭ «دىنىي تەسىرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.04.25

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل دىنىي ئىشلار بويىچە بېيجىڭدا چاقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى دىنىي تەسىرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ مەزكۇر يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بىز چەتئەللەردىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ دىنىي ياكى ئىدېئولوگىيىلىك ۋاسىتىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، قانۇن ئورۇنلىرىغا ۋە مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان زەنجىرسىمان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چېگرا ئاتلاپ ئىراق ۋە شامدىكى ئىسلام دۆلىتى تەركىبىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەنلىكى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خرىستىئان گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانچىلىك دەرىجىدە بېسىم ھېس قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.