شى جىنپىڭنىڭ ۋەھشىيلىكتە ۋاڭ جېندىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي زىيالىيسى گاۋ شىن 8-ئىيۇل كۈنى رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىدە ئېلان قىلغان مەخسۇس ماقالىسىدە «شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋاڭ جېنىنىڭ ‹شىنجاڭنى تۆمۈر مۇشت ئارقىلىق باشقۇرۇش› سىياسىتىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يۇغۇرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىدىن ۋاڭ جېن «شىنجاڭنى تىنچ يولدا ئازاد قىلىش» نامىدا قوشۇن تارتىپ كىرگەندىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق قارشىلىق ھەرىكىتىنى قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن باستۇرغان. خىتايلارنىڭ تەمسىلى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنى «چۆپ قىرقىغاندەك قىرىپ تاشلىغان». شۇ سەۋەبتىنمۇ كېيىنچە بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىن «مەن شىنجاڭدا ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى پاك-پاكىز قىرىۋەتتىم. ئاز دېگەندىمۇ كەلگۈسى 50 يىلدا ئۇ جايدا ئەكسىلئىنقىلاب يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋاڭ جېن 1950-يىللىرى شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ھازىرقى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جوڭشۈن بىلەن بولغان خىزمەت جەھەتتىكى زىددىيىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ئىچكىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ جايدا مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر ياقلىق قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى كۆرسەتمىسىنى بىر ياققا چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا «چوڭ خىتايچىلىق» بويىچە ئىش كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار تراگېدىيەلىك پاجىئەلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

ماقالە ئاپتورى مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتكەچ شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە «ھالاللىق چۈشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ جېن ئىجرا قىلغان «ئىسلامىي ئەقىدىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇش» سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. شۇنداقلا بۇنى «ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئەڭ سولچىل باسقۇچنىڭ ھەسسىلەپ ۋەھشىيلەشكەن ھالدا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشى» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي زىيالىيسى خۇ پىڭنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ «ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ نېگىزى ئورتاق مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقادتا دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىللىي كىملىك ۋە دىنىي ئېتىقاد پەرقلىرىنى يوق قىلىۋەتسەكلا بارچە مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت، مائارىپ، تەشۋىقات قاتارلىق بارچە ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇرلىماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۈزۈل-كېسىل، شۇنداقلا مەجبۇرىي شەكىل ئالغان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلماقتا. شۇڭا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاتلار بۇ سىياسەتنى ئەيىبلەپ ئۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «شى جىنپىڭ ئەينى ۋاقىتتا دادىسى قارشى تۇرغان ئىشلارنى چېكىگە يەتكۈزۈپ قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتتە دادىسىنىمۇ ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلماقتا» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت