شى جىنپىڭنى ئىلاھلاشتۇرۇش دولقۇنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كېڭەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىلاھلاشتۇرۇش دولقۇنىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە كېڭىيىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بۇنىڭ قىسمەن تەپسىلاتى بايان قىلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 4-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مائارىپ سىستېمىسىدا بىرتۇتاش ئوقۇش باشلانغان بولۇپ، مەكتەپكە يىغىلغان ئوقۇغۇچىلار تۇنجى ئوقۇش كۈنىنى «ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە تىكلەش» ھەققىدىكى ئۆگىنىش بىلەن باشلىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە شى جىنپىڭنىڭ «ياش ۋاقىتلىرىدا بىر يەشىك كىتاب ئېلىپ يېزىغا چۈشكەنلىكى، ئېتىزلىقتا ئەمگەك قىلىش جەريانىدا لۇغەت ئىشلەتكەنلىكى، ھەر 30 چاقىرىمدا بىردىن كىتاب ئارىيەت بېرىپ ماڭغانلىقى» دېگەندەك ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان. ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «شى بوۋام مېنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگەم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيەدە ياشايدىغان، ئىلگىرى مائارىپ ساھەسىدە ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان مۇنەۋۋەر خانىم ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان بۇ خىل تەربىيە ھەرىكىتىنىڭ تامامەن مېڭە يۇيۇش ئىكەنلىكى، مەكتەپ بالىلىرىغا قارىتىلغان مۇنداق تەربىيەنىڭ خىتاي كوممۇنىست دىكتاتورى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولغانلىقى، ھازىر شىمالىي كورېيەدىمۇ كۈچلۈك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: : «گۆدەكلەرگە تۇنجى ئوقۇش كۈنىدىلا خىتاي رەئىسىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىش مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا شىمالىي كورېيەدىكى سابىق دىكتاتور كىم جوڭئېلنىڭ ‹ئىلاھى› نوپۇزىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەشۋىق قىلغىنىغا ئوخشايدىغان سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىدۇر» دېدى.

يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى ئائىلىلەرگە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى ئېسىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى، بۇنىڭ ھازىر پۈتكۈل رايون تەۋەسىدە ئومۇملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت