شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇلدا ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە كېلىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى.

خىتاي بىلەن يېقىندىن بۇيان چېگرادىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسىنى پىلتا قىلغان ھالدا تىركىشىپ كېلىۋاتقان ھىندىستاندىكى گېزىتلەر بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇمات بەرگەن. «تۇنجى پوچتا» گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان سۆز ئاھاڭى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلىشىدىن، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا بولۇشىدىن بېشارەت بەرگەن.

كانادانىڭ «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ھەممىلا يەرنى ئەسكەرلەر ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى شوئارلار بىر ئالغان «ھەربىي ۋەزىيەت» شەكلىدىكى تولىمۇ سۈرلۈك بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش قاپلىغان. ئەمما بۇ قېتىم بۇنىڭ ئەكسىچە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئۇيغۇرلار، شادىمانلىققا تولغان ئاۋام تۇرمۇشى دېگەندەكلەر مەقسەتلىك ھالدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدە «بىزنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىمىز ۋە نەزەرىيەمىز تولىمۇ ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغانلىقى ئىسپاتلاندى. بىز جەزمەن ئۆزىمىزگە خاس مىللىي سىياسەت ئارقىلىق مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلەر كۆپ قېتىم تەكرارلانغان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى چۈشەنچىسىنى چالغىتىش ھەمدە زۆرۈر بولغاندا بۇنى باشقىچە تەسۋىرلەش مەقسىتىنىڭ ئاساسىي نىشان بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.