شى جىنپىڭ قايتىدىن پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

17-مارت كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى سايلاش ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2970 نەپەر ئەزاسى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئاۋاز بەرگەن. قىزىق نۇقتا شۇكى، بىرمۇ قارشى ئاۋاز بولمىغان، خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسلىك ئورنىغا خىتاي كومپارتىيىسى 19-قۇرۇلتىيىدا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزالىقىدىن قالغان ۋاڭ چىشەن ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەتلا بىرلا قارشى ئاۋاز بېرىلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ سايلام دۇنيادىكى كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان پەقەت بىرلا نامزات بولۇش، ھەممىلا ئادەم شۇ نامزاتقا ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىدىكى سايلام بولغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت رەئىسلىك ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنىغا شى جىنپىڭ ۋە ۋاڭ چىشەندىن باشقا ئىككىنچى بىر نامزات بولمىغان. 

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇننى تۇتۇپ، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان رەئىس ئىكەن. خىتايدا 2014-يىلى، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىدى.

شى جىنپىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولىدىغانلىقى ۋە باشقا قەسەم سۆزلىرىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەسەم سۆزىدە «پارتىيەگە سادىق بولىمەن» دېگەن جۈملىنىڭ يوقلۇقى دىققەت قوزغىغان.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىم پارتىيىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، ھەربىي ئىشلارنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئالىي ھوقۇقنى ئۆز قولىغا كىرگۈزگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى دۆلەت رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۆھلىتىمۇ ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت