ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە سونىي تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-01-02
Share

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ سونىي فىلىم شىركىتىگە قىلغان تور ھۇجۇمىنى جازالاپ، ئۇنىڭغا يېڭى ئېمبارگو قويدى. ئېمبارگو يۇقىرى دەرىجىلىك شىمالىي كورېيە ئەمەلدارلىرىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىگە چېتىشلىق تارماقلىرىنى نىشان قىلغان.

شىمالىي كورېيە تور ھۇجۇمىغا قاتناشقانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئېمبارگو ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمىغا شىمالىي كورېيە مەسئۇل، دېگەن مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە يازغان خېتىدە تەكىتلەپ، ئېمبارگو شىمالىي كورېيە خەلقىنى نىشان قىلمىغان. ئۇ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ھەرىكىتىنى نىشان قىلغان، دېدى.

ئاقساراي، ئېمبارگونىڭ سونىي تور ھۇجۇمىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلدارغا ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىككى ھەپتە ئاۋۋال سونىي فىلىم شىركىتىنىڭ تورى تور بۇزغۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

تور بۇزغۇنلار سونىي شىركىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ھەققىدىكى«زىيارەت» ناملىق كومېدىيىلىك فىلىمنى بازارغا سالسا، بۇ شىركەتنى پارتلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى تور ھۇجۇمىنى پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت