پرېزىدېنت ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.02

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 5‏-نويابىردىن باشلاپ ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىگە قىلىدىغان 9 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدۇ. رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ كېلەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى خىتاي زىيارىتىنى باشلاپ، شى جىنپىڭغا شىمالىي كورېيەگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىكەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئالاقىسى بار خىتاي بانكىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ بانكىلارغا يېڭى ئېمبارگو قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ رويتېرز ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، پرېزىدېنت ترامپ بېيجىڭدا شى جىنپىڭنى شىمالىي كورېيەگە قارشى تېخىمۇ قاتتى قتەدبىرلەرنى ئېلىشقا، جۈملىدىن ئۇنىڭغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش، ئۇنىڭدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسى قىلىش قاتارلىقلارنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق رويتېرزنىڭ قەيت قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماقۇل بولۇش-بولماسلىقى مەلۇم ئەمەسكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە قويغان ئېمبارگو قارارلىرىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاشقى دۇنيانىڭ خىتاي-شىمالى كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتمەسلىكنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. لېكىن پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەسبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى.

ئۇ ئىلگىرى، ئەگەر خىتاي شىمالىي كورېيەگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالمىسا، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا، پرېزىدېنت ترامپنىڭ زىيارەتكە كېلىشتىكى «مۇھىم مۇددىئالىرى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.