ئامېرىكا خىتاينى شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.01.07

ئامېرىكا خىتاينى شىمالىي كورېيە بىلەن قىلىۋاتقان سودا ئالاقىسىنى توختىتىشقا چاقىردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، خىتاينىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي تەرەپنى شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان بارلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان.

شىمالىي كورېيە 6-يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ ۋودروت بومبىسى سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ب د ت، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ب د ت بولسا شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا جازا تەدبىرى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر ئۈستىدە ئويلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللىرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى خىتاي سېتىۋالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.